باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىدا: داليەن جىنپۇ يېڭى رايونى ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچكە تولدى

2018.08.16 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، كارخانىلارنىڭ «ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان لياۋنىڭ داليەن جىنپۇ 1- نومۇرلۇق «دەرھال بېجىرىش» مەخسۇس لىنىيەسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ھەمدە جەمئىيەتكە مۇنداق ۋەدە بەردى: كارخانىلارنىڭ تەلىپى بار بولسىلا «ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر بىر ئىشنى ھەل قىلىمىز».

  داليەن جىنپۇ يېڭى رايونى 2014- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي شىمالدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون. نۆۋەتتە، يېڭى رايوندىكى بەش چوڭ ئىقتىدار رايونىنىڭ بىرى بولغان داليەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن ئېلىمىزدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى. داليەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تەسىس قىلىنغان تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمىتى بىلەن مەشھۇر ئىدى، يەنى چەت ئەل سودىگەرلىرى بۇ يەرگە كېلىپ، تۈردە ئىش باشلاشنى ئىلتىماس قىلسا، پەقەت تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىدە بىر تامغا ئۇرغۇزسىلا بولاتتى.

  30 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىدىن بۈگۈنكى كۈندىكى «دەرھال بېجىرىش» مەخسۇس لىنىيەسىگىچە، داليەن جىنپۇ يېڭى رايونىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمىدى. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو (لياۋنىڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى داليەن تارماق رايونى بۇ يەردە ۋىۋىسكا ئېسىپ، جىنپۇ يېڭى رايونى يەنە بىر قېتىم تەرەققىياتنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى: بۇلتۇر رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 210 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كۆزنىكىگە ئايلىنىپ، ئىقتىسادى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان جاي بولۇپ قالدى.

  بىر پارچە ئۇل تاش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ گېن ئۇرۇقىنى تېرىدى

  داليەن جىنپۇ يېڭى رايونىنىڭ ئوتتۇرا ئوق يولىدىكى جىنما يولىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە، بىر پارچە مەرمەر تاش ئۈستىگە «ئۇل سېلىش» دېگەن سۆز ئويۇلغان. 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 15- كۈنى، داليەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا بۇ تاش قويۇلۇپ ئۇل سېلىنغان ئىدى.

  «ئۇل سېلىنغان كۈنى، داقا- دۇمباق ئاۋازى كۆككە ياڭراپ، شۇ جايدىكى ئامما ۋەكىللىرى ۋە 300 نەچچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كېلىپ قاتناشقان ئىدى.» شۇ يىلى ئاران سەككىز ياشقا كىرگەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەي يىڭجې شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ گاڭگىراپ قالغان بولۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، لېكىن شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇ تەرەققىيات رايونى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى. قاتار-قاتار ئېگىز بىنالار قۇرۇلۇپ، كوچىلار بارغانسېرى كېڭەيدى، مەي يىڭجېمۇ تەرەققىيات رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ تۈگىتىپ، تەرەققىيات رايونىدا قېلىپ خىزمەت قىلدى.

  «ئۇل تاشنى كۆمۈش ئەمەلىيەتتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ گېن ئۇرۇقىنى تېرىغانلىق ئىدى.» 69 ياشلىق چېن بىڭۋۇ شۇ چاغدا داليەن ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇل سېلىشتىن ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ئىدى. «يىپيېڭى، ئاڭلاپمۇ باقمىغان تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇشتا ئەنئەنىۋى ئاپپاراتلار ماس كەلمىگەچكە، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، يېڭى ئىشلارنى يېڭىچە بېجىرىش كېرەك بولدى.» مەبلەغ سالغۇچىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، تەرەققىيات رايونىدا «دەرھال بېجىرىش» ئىشخانىسى قۇرۇلدى، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋە تەلەپلەرنى يۇقىرىدىن يوليورۇق سوراش، تۆۋەن بىلەن مەسلىھەتلىشىش ھاجەتسىز بولۇپ، دەرھال بېجىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر