باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇغۇرۇلما يېڭى ئەندىزىنى يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش — گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر يىلدا

2018.08.15 16:39   مەنبە: خەلق تورى

يۇغۇرۇلما يېڭى ئەندىزىنى يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش — گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر يىلدا

  2018-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شياڭگاڭدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىكتە «گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىشىغا شاھىد بولدى. بىر يىلدىن بېرى، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى» ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان سۆزگە ئايلىنىپ قالدى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى بۇ جانلىنىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىقتىسادىي تۇپراق، يەنە يىپيېڭى قىياپەت بىلەن ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مەردانە قەدەم تاشلاپ يېڭى دەۋرگە كىرگەن چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ پىلان لايىھەسى قەدىمى پۇختا ھەرىكەتكە ئايلانماقتا، مەنزىل ھەممە جانلانغان رېئاللىققا ئايلانماقتا — ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن، بازارنىڭ بىر گەۋدىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكىچە، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن، ماس تەرەققىي قىلغان كەسىپ سىستېمىسىنى پىلانلاپ بەرپا قىلىشقىچە خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونىنى بەرپا قىلىش قەدىمى باشلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرى ۋە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى جانلىق نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…