باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇداندا كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 22 بالا قازا قىلدى

2018.08.16 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇداندىكى بىر ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى، يەنى سۇدان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بالىلار ئولتۇرغان بىر كېمە 15- چېسلا سۇدان چېگراسى ئىچىدىكى نىل دەرياسىدا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بۇ ۋەقەدە 22 بالا قازا قىلغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى سۇداننىڭ شىمالى قىسىمىدا يۈز بەرگەن، شۇ چاغدا بۇ كېمە بۇ بالىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ مېڭىۋاتقان.

  نۆۋەتتە، سۇدان يامغۇرلۇق پەسىلگە كىرىپ قالدى، ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، پايتەختى خارتۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغدى، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، سۇدان چېگراسى ئىچىدىكى نىل دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۇلىرى شىددەت بىلەن ئۇلغايغان. ھازىر ئۇ سـۇلار مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر