باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي ئىجازىتىدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئىشلىتىش يولغا قويۇلىدۇ

2018.08.15 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 13- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي ئىجازىتىدە پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم مېڭىش» ئىسلاھات تەلىپىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ش ئۇ ئا ر يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي ئىجازىتىدە ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي ئىجازىتىدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى تارقىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن قەغەزسىز، تولۇق تەرتىپلىك ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدىكەن ۋە كارخانىلارنىڭ مەمۇرىي ئىجازەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشتە «ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، گۇۋاھنامە بېرىشنى بىر توردا پۈتكۈزۈش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، مەمۇرىي ئىجازەتتە ئېلېكتىرونلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بولسا مەمۇرىي تەستىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى ئىكەن. يېمەكلىك، دورا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى توردا قوبۇل قىلىش، توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، توردا تارقىتىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ماڭدۇرماسلىق، يېمەكلىك، دورا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازىتىنى تولۇق مۇساپىلىك توردا بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئاشكارا-ئوچۇق بولۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىشتەك يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  بۇ قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن يېمەكلىك، دورا مەمۇرىي ئىجازىتى ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 98 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، «ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تور بولۇش، ئىشلارنى تولۇق قاپلاش، مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك سەرخىللاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئوخشاش قاتلام دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش ئىشلارغا قارىتا توردا «ئوخشاش ئۆلچەم بىلەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» ۋە «پەرقسىز قوبۇل قىلىش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدە ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە ئاساس، قەغەز گۇۋاھنامە قوشۇمچە قىلىنىشتەك ئىجازەتنامە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر