باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاشقى سودا مۇقىملىشىپ، سىياسەت تەسىرى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى (ئىقتىسادنى كۆزىتىش – دىققەتنى ئالتە مۇقىم بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش)

بازار ئېچىش قەدىمى تېزلىتىلدى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كۈنسېرى كۈچەيدى

2018.08.16 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىمپورت-ئېكسپورت بىر قەدەر تېز ئېشىپ، تاشقى سودا تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، كېيىنكى قەدەمدە داۋاملىق «مۇقىم» بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. نۆۋەتتە، جايلار، تارماقلار قانداق ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى قوللاندى؟ تاشقى سودا كارخانىلىرى كۆپ مەنبەلىك بازارنى قانداق كېڭەيتتى؟ تاشقى سودىنى سىجىل مۇقىم ساقلاشتا قانداق كۈچ چىقىرىش كېرەك؟ مۇخبىر چۇڭچىڭ ۋە شاڭخەيدە زىيارەتتە بولدى.

  ئېچىۋېتىش يولى بارغانسېرى كېڭىيىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى بارغانسېرى يۇقىرى بولدى

  فىلىپپىننىڭ پالما دەرىخى، دېڭىز بويى، تىنچ ئوكياندىن كەلگەن شامال بار ھەمدە يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان چۇڭچىڭ لىفەن موتسىكلىتىمۇ بار. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، چۇڭچىڭ لىفەن موتسىكلىتىنىڭ ئېكسپورتى %20 ئاشتى، فىلىپپىن ئاساسلىق ئېشىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، يىللىق بازار ئۈلۈشى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدا، دۆلەت يولغا قويغان ئالاقىدار سىياسەتلەر كارخانىلارغا زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى ۋە ياردەم بەردى» __ چۇڭچىڭ لىفەن ئوقەتچىلىك گۇرۇھى ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ شياۋمەن شۇنداق دېدى. ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭلىقلارنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش خىيالى ئىلگىرى چوڭ تاغ-دەريالار ئارقىلىق توسىلىپ تۇراتتى. چۇڭچىڭ لىفەننى مىسالغا ئالساق، بىر نەچچە يىل بۇرۇن موتسىكلىت ئېكسپورتىدا پەقەت دەريا-دېڭىز ئۇلانما تىرانسپورتىدىن ئىبارەت بىرلا يول بار ئىدى، سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت كېتەتتى. ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ (چۇڭچىڭدا) قاتنىشى كۆپ ساندىكى كارخانىلارغا يېڭى تاللاش ئاتا قىلدى.

  جۇ شياۋمەن يەنە مۇنداق دېدى: «چۇڭچىڭ جەنۇبىي يول قۇرۇلۇشى بىزنىڭ چېگرا سودىمىزدا نۇرغۇن ۋاقىت تېجەپ بەردى. ئېچىۋېتىلگەن يول بارغانسېرى كېڭەيگەچكە، ئېكسپورت تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىيلاشتى، بىزنىڭ «سىرتقا چىقىش» يولىمىزمۇ بارغانسېرى راۋان بولدى.» ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېكسپورت پىرىيوم-كارانتىن جەھەتتە، سىياسەت ۋە تەرتىپتە يېڭىلىق يارىتىلىش ئارقىلىق ئۈنۈم ئۆستۈرۈلۈپ، چىقىم ئازايتىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخى ھەقىقىي تۈردە تۆۋەنلىتىلدى.

  نەپ ئالغان ئورۇنلاردىن يەنە چۇڭچىڭ تاشقى ئىقتىساد-سودا گۇرۇھىمۇ بار. «بىز تىجارەت ئەندىزىسى ۋە كەسىپ ھالىتىگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ باردۇق.» بۇ گۇرۇھنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ سەيئېر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چۇڭچىڭنىڭ شەرق ۋە جەنۇب ئۆتۈشمە يولى ۋە چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بىز بىرما قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنى پائال كېڭەيتىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنىسازلىق-ئېلېكتىرون سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىمىز ئاللىقاچان پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكىدە 1400دىن ئارتۇق تور سىناق دۇكىنى تەسىس قىلدى.»

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا چۇڭچىڭدىن سىرتقا ئېكسپورت قىلىندىغان ماللارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن توڭنەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى لىمونمۇ توشۇلدى. جوۋ سەيئېر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇڭنەننىڭ لىمونى قالتىس بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مېلبۇرن شىمالىي رايونىدىكى يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى، 2018-يىللىق جۇڭگو-رۇسىيە كۆرگەزمىسى قاتارلىق خەلقئارالىق داڭلىق كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتى. ماركا تەسىر كۈچى تەدرىجىي ئېچىلىپ، بۇ يىل تۇڭنەنلىك لىمون ئۆستۈرىدىغان 100 مىڭ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. گۇرۇھىمىز ھازىر يەرلىك كارخانىلارغا پائال ياردەم بېرىۋاتىدۇ، چۇڭچىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى، ئوتتۇرا، كىچىك تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر