باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسى: چەتئەللەردىكى قىسمەن تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىگە بوھتان چاپلىشى باشقا مەقسەتتە ئويناۋاتقان نەيرەڭلىرىدۇر

2018.08.15 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 14-ئاۋغۇست مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، چەتئەللەردىكى قىسمەن تاراتقۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىگە بوھتان چاپلىشى باشقا مەقسەتتە ئويناۋاتقان نەيرەڭلىرىدۇر، دېدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: يېقىندا، چەتئەللەردىكى تاراتقۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ جۇڭگونىڭ «بارلىق شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش خەلقئارا ئەھدىنامىسى»نى ئىجرا قىلىش دوكلاتىنى قاراپ چىققانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندە، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىگە تىل تەگكۈزۈپ ئەيىبلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟

  بۇ سۇئالغا قارىتا، لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: 10-ئاۋغۇست ۋە 13-ئاۋغۇست، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى جەنۋەدە جۇڭگونىڭ «بارلىق شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش خەلقئارا ئەھدىنامىسى»نى ئىجرا قىلىش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، بۇ كومىتېت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھدىنامىنى ئادا قىلىشتىكى تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  لۇ كاڭ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: جۇڭگوغا قارشى قىسمەن كۈچلەر سىياسىي غەرەزدە جۇڭگونى ناھەق ئەيىبلىدى، چەتئەللەردىكى قىسمەن تاراتقۇلار بۇ قېتىمقى قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ خەۋەر بېرىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش تەدبىرلىرىگە بوھتان چاپلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ باشقا مەقسەتتە ئويناۋاتقان نەيرەڭلىرىدۇر.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيلىق جەھەتتىن مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى، ھەر قايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھازىرقى خاتىرجەم ۋەزىيەتنى قەدىرلەيدۇ. ئىغۋا تارقىتىپ بوھتان چاپلايدىغان ھەرقانداق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر