باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيەدە تاشيول كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 35 ئادەم قازا قىلدى

2018.08.15 15:43   مەنبە: خەلق تورى

ئىتالىيەدە تاشيول كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 35 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى گېنويە ۋىلايىتىدە بىر تاشيول كۆۋرۈكى 14- چېسلا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلدى. قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  8- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئىتالىيەنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قاتتىق يامغۇر ياغقان. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن گېنويە A10يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكىنىڭ چوڭ كۆۋرۈكى بولسا، بىر قىسىم مال سېتىۋېلىش مەركىزى، سودا سارىيى، تۇرالغۇ ۋە دەريا ئۈستىنى ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كۆۋرۈك 100 مېتىر ئېگىزلىكتىن تۇيۇقسىز يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ھادىسە يۈز بەرگەن چاغدا، 10چە يۈك ئاپتوموبىلى ۋە باشقا ئاپتوموبىللار شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە يۈرۈۋاتقان ئىكەن.

  ئۇ تاشيول كۆۋرۈكى 20- ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قۇرۇلغان ئىكەن. شۇ جاينىڭ تاراتقۇلىرىدا خەلق ئىشلىرى قوغداش تارماقلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى بەلكىم بۇ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلمىسىدا مەسىلە مەۋجۇت بولغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…