باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا «كەينىدىن پىچاق ئۇردى»

ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا شەرق ھەربىي ئىشلار ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

2018.08.15 14:02   مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا شەرق ھەربىي ئىشلار ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 13- ئاۋغۇست پايتەخت ئەنقەرەدە سۆز قىلىپ، ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ئامېرىكىنىڭ «كەينىدىن پىچاق ئۇرغانلىقى»نى ئەيىبلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان بارلىق ئىقتىسادىي زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار، دېدى.

  تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم ئەزاسى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى. ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئەمەلدارى جامېس ستارۋىدىسنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ، بولمىسا «جۇغراپىيەلىك سىياسىي خاتالىق» ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۈركىيە پۇلى لىرانىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرىۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى %40تىن ئاشتى، يېقىنقى چۈشۈش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يەر شارى پاي چېكى بازىرىنى چاتما زەربىگە ئۇچراتتى.

  13-ئاۋغۇست، ئەردوغان نۇتۇق سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئۇچرىغان بارلىق زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بار، دېدى. ئۇ ئامېرىكىغا: «سىلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز تۇرۇپ، ئىتتىپاقدىشىڭلارغا ئارقىدىن پىچاق ئۇردۇڭلار. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوبۇل قىلغىلى بولامدۇ؟»، دېدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەردوغان ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن بىر تەرەپلىمىلىك مەسلەك ئۇسۇلىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ، بولمىسا تۈركىيەنىڭ «يېڭى دوست، يېڭى ھەمراھ» ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ماقالە گېزىتكە چىقىش ئالدىدا، ئەردوغان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىقتىساد-سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلارنى كېڭەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…