باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ باش ۋەزىر خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.08.16 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى خۇن سېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش ۋەزىر خۇن سېن باشچىلىقىدىكى كامبودژا پادىشاھلىق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، كامبودژانىڭ سىياسىيسى مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى قۇرۇلۇشلاردا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇش بولدۇق، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمىز. بىز ئىشىنىمىزكى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى داۋاملىق كامبودژا خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كامبودژا دۆلىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقىنىڭ بەختى، رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كامبودژا خەلق پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى پارتىيە ئالاقىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سىياسىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇن سېننى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. بىز كامبودژا بىلەن جۇڭگو-كامبودژا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر