- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولدى، مۇلازىمەت كەسپى سىجىل تەرەققىي قىلدى، يېڭى ئىستېمال تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى
7-ئايدا دۆلەت ئىقتىسادى مۇقىملىق داۋامىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى (ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى يىل ئوتتۇرىسىدا كۆزىتىش)
2018.08.16 15:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان 7-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.
سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئەلالاشتى. 7-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولدى. سانائەتتە يېڭىلىق يارىتىش تېزلىتىلدى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق، جابدۇقچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %11.6، %9 ۋە %8.6 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭكىدىن ئايرىم-ئايرىم 5، 2.4 ۋە 2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى.
مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، يېتەكلەش رولى كۈچەيدى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر يوللاش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى، ئىجارىكەشلىك ۋە سودا مۇلازىمىتى كەسپى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %37.3 ۋە %11.2 ئاشتى.
دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى ئىستېمال تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى. 7-ئايدا، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 3 تىرىليون 73 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشتى، يېڭى ئىستېمال تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 4 تىرىليون 786 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.3 ئاشتى.
مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش ۋە ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ تېز ئاشتى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئەلئارا سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېزلىشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا ئىككى ئاي ئۆرلىدى. ياسىمىچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، 0.5 پىرسەنت پوئېنت تېزلىشىپ، ئۇدا تۆت ئاي ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلاندى. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 8 مىليون 800 مىڭ كىشىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 250 مىڭ كىشى ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننىڭ %80ى ئورۇندالدى. 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان كىشىلەر توپى (25 ياشتىن 59 ياشقىچە)نىڭ نوپۇس ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن داۋاملىق تەڭلىشىپ، ئىزچىل تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى.
بازار مۆلچەرى گۈللىنىش دائىرىسىدە ساقلىنىپ تۇردى. 7-ئايدا، ئۇنىۋېرسال PMI مەھسۇلات كۆرسەتكۈچى %53.6 بولدى. ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دېرىكتورلىرى كۆرسەتكۈچى %51.2 بولۇپ، ئۇدا بەش ئاي %51تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى. غەيرىي ياسىمىچىلىق سودا پائالىيەتلىرى كۆرسەتكۈچى %54 بولۇپ، ئۇدا 11 ئاي %54 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بىر قەدەر يۇقىرى گۈللىنىش ئارىلىقىنى ساقلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر