خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ياپونىيە شىنخۇ-نەنجىڭ قەلبداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى ئەزالىرى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى.
شۇ كۈنى، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا «دۆلەت بايرىقى چىقىرىش - تىنچلىق قوڭغۇرىقى چېلىش» مۇراسىملاشقان ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ياپونىيە، ئامېرىكا، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەلقئارادىكى دوستلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىرلىكتە سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، تىنچلىق تىلىكى تىلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى