خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى 17-چېسلادىن 19-چېسلاغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئارمىيىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۈپىتىنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ «جىڭشى» مېھمانسارىيىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە، يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ گۇتيەن سىياسىي خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چىڭ تۇتۇلدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل تۈزىتىش روھى بىلەن سىياسىي جەھەتتە تەرتىپكە سېلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ نەزەرىيە ئارقىلىق ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇستەھكەملەندى؛ ئارمىيەدە ياخشى كادىر بولۇش ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئارمىيەنى يېتەكلەپ يىلتىزىنى ئىزدەش، ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئازادە-كەڭ بولۇشتىن قاتتىق-چىڭ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەندى. تەجرىبىلەر ئەستايىدىل يەكۈنلىنىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ياخشى مۇستەھكەملەندى ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارمىيە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى، بۇ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ۋە ئاجىز ھالقىلارنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى