خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاغزاكى بايان قىلغۇچىلار ۋە يازغۇچىلار ۋەكىللىرى (سول تەرەپتىكى) ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
شۇ كۈنى، «شاڭخەيدە ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى – ئاشۇ يىللاردىكى بىزنىڭ ھېكايىمىز» ناملىق يېڭى كىتابنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى شاڭخەي كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كىتابنى شاڭخەي خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا، شاڭخەيدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان ئوخشىمىغان باسقۇچلاردىكى شاھىدلار ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى يېزىلىش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان تەرەپتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى شاڭخەيدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى