باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى

2018.08.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» تارقىتىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى

  (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى)

  18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، مىسلىسىز كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، نامراتلىشىش نىسبىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشتا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزدە نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتىلدى. ئۆتكەن بەش يىلدا، بىزنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچى بەرپا قىلىنىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى سۇنۇلۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتتۇق.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا نامراتلارنى دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ياخشى قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، يەنە 30 مىليون ئەتراپىدا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەل، ياكى مېيىپلىق سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ئېشىپ قالغان ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشان، ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئىنتايىن مۈشكۈل. بولۇپمۇ شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە سىچۈەننىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەننىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» دېيىلىدۇ) قاتارلىق كۆك نامرات رايونلاردا نامراتلىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇل شارائىتى ئاجىز، نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى مۇرەككەپ، تەرەققىياتى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالغان، جامائەت مۇلازىمىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىن قارىغاندا، شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتچىلىق، ساختىپەزلىك قىلىش، ئالدىراقسانلىق ۋە ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ھەمدە پاسسىپلىق، چىرىكلىك ھادىسىلىرى يەنىلا مەۋجۇت، بەزى جايلاردا ھەتتا ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن ئىگىلەش، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قىزىق تۇتۇش قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئاتلىنىپ، توغرا تەدبىر قوللىنىش، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت، پۇختا خىزمەت ئارقىلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىكى قىيىن مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بىر مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ھازىر يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سىياسەت، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش، بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭشەشنى كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە تۆۋەندىكى يېتەكچى پىكىر تۈزۈلدى. (تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر