خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى جاكارتادا باشلاندى. سۈن ياڭ ئەرلەرنىڭ 200 مېتىرلىق ئەركىن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدە 1مىنۇت 45 سېكۇنت 43 دەقىقە بىلەن يېڭى تارىخى نەتىجە يارىتىپ، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى قاتارلىقلاردا ئەرلەرنىڭ 200، 400 ۋە 1500 مېتىرلىق ئەركىن سۇ ئۈزۈش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن مېدال ئالغان تۇنجى ماھىر بولۇپ قالدى.
سۈن ياڭ يەنە بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 400، 800، 1500 مېتىرلىق ئەركىن سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئالتۇن مېدال ئىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇ شۇ خىل ئىشەنچ بىلەن «ئاۋۋال قايتىپ ياخشى ئارام ئېلىپ، ئەركىن-ئازادىلىك بىلەن كېيىنكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، كوماندىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى