خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى، شوپۇرسىز بىر ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلنىڭ « پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىنى كېسىپ ئۆتۈشى»دەك قاتناش مەنزىرىسى نامايان بولدى. شۇ كۈنى، 2018- يىللىق جۇڭگو خەلقئارالىق ئەقلىي ئېلېكتىرونلۇق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىنىڭ شوپۇرسىز ھالدا ئاپتوماتىك يۈرۈش شەھەر قاتنىشى مەنزىرە تېخنىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ قوزغىتىلىش مۇراسىمى چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا چۇڭچىڭنىڭ تاغلىق شەھەر قاتناش مۇھىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ، ئايلانما يوللار، T شەكىللىك يول ئېغىزلىرى، تونېللار ۋە كۆرۈك قاتارلىق لىنىيەلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق كەسپى قوشۇن چۇڭچىڭدىكى «18 ئەگىم»گە جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى بۇئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى