باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدە، جۇڭگو كوماندىسى يەتتە ئالتۇن مېدال ئالدى

ئۇدا بەش نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تۇنجى ئالتۇن مېدالنى جۇڭگو كوماندىسى ئالدى

2018.08.20 17:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، 18- نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى كۈندىكى مۇسابىقىلىرى رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو كوماندىسى جەمئىي يەتتە ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ئېرىشكەن مېدال سانىدا 1- ئورۇندا تۇردى.

  19-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چامباشچىلىق يۈرۈشلۈك تۈرى بويىچە ئەرلەر چامباشچىلىق مۇسابىقىسى جاكارتا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى سۇن پېييۈەن چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ھەم بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدال بولۇپ قالدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئۇدا بەش نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى ئېلىشى بولۇپ قالدى.

  شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان 10 مېتىر ئارىلىقتىن يەل مىلتىق بىلەن قارىغا ئېتىش ئارىلاش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسىدىن ۋۇ جيايۈ / جى شياۋجىڭ چىمپىيون بولدى. ياڭ خاۋرەن / جاۋ روجۇ 10 مېتىر يىراقتىن يەل مىلتىقتا قارىغا ئېتىش ئارىلاش كوللېكتىپ مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ئاياللار قېلىچۋازلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جۇڭگو كوماندىسىدىكى ئىككى ماھىر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا چيەن جيارۈي سەپدىشى شاۋ ياچى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر