باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

يىغىندا جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2018.08.17 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 16-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دەرھال ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، نۆۋەتتە دېلو ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋاكسىنا خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى، ئاممىۋىي سەھىيە بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ قېتىمقى مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسى بولسا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەت قوغلىشىپ قانۇننى بۇزۇپ، دۆلەت دورا ئۆلچىمى ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىشنى سۈپەت جەھەتتىن باشقۇرۇش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى يالغان ياساش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلىش، ئايرىم خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشتەك قانۇن-قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش زور دېلوسى بولۇپ، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن يوچۇق ئاشكارىلىنىش بىلەن بىللە، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان تۈزۈم كەمتۈكلۈكىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ دېلودىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، باشقىغا ئىبرەت قىلىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، كېسەلنى داۋالاپ، نۇقسانلارنى تۈگىتىش، ۋاكسىنا-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تەن سالامەتلىكىنى قەتئىي قوغداش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قانۇن-بەلگىلىمىلەر ۋە تۈزۈم-قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى نەقمەيداندا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەھسۇلات خەۋپى دوكلاتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەۋپى يۇقىرى، كەسپىيلىكى كۈچلۈك ۋاكسىنا-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىكتىكى تەۋە جايدا باشقۇرۇش ئاساسىدا، ئاپپاراتلارنى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنا- دورا نازارەتچىلىكىدە كەسىپلەشكەن، كەسپىيلەشكەن تەكشۈرۈش قوشۇنىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇپ، مەنپەئەتپەرەسلىك پاتقىقىغا پاتقان، قائىدىنى كۆزگە ئىلمايدىغان كارخانلار، ئەخلاق ۋە ۋىجداننىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىشقا پېتىنغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېغىر جازالاپ، ھەرگىز مادارا قىلماسلىق كېرەك. ۋاكسىنا- دورىغا چېتىشلىق ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان سالغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئېغىر جەرىمانە قويۇپ، شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەڭگۈ چەكلەش كېرەك. كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار ماقۇللاندى: جىن يۈخۇي (جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان) ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ لى جىنشيۇ (جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 2015-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 4-ئايغىچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان) ئىستېپا بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ليۇ چاڭلوڭ (چاڭچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى، 2016-يىلى 9-ئايدا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى بولغان، 2016- يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە چاڭچۈن شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان)، بى جىڭچۈەن (بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، 2015-يىلى 2- ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە ئەسلىدىكى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان) سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. جياڭ جىيىڭ (جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، 2012-يىلى 3- ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە چاڭچۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان)، جياۋ خۇڭ (دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى) ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ مەركەز باشقۇرمايدىغان 35 كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ۋۇ جېن (يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دورىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل) ئۈستىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. يىغىن جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ئۆزىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشىنى بۇيرۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر