باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك

2018.08.17 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8- ئاينىڭ 16- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، جىلىن چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ چاتىقى بار ۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقاردى. ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئەلئارا سېلىنما ۋە پۇقراۋى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىلىن چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا غالجىر كېسىلى ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە لاياقەتسىز ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش دېلوسىنىڭ ئاساسلىق پاكىتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلوغا چېتىشلىق بۇ كارخانىنىڭ پايدىنى كۆرسىلا ئۆزىنى ئاتىدىغان ۋە پايدا قوغلىشىپ قانۇننى بۇزغان، قىلمىشى ئېغىر، خاراكتېرى قەبىھ بولغانلىقى ئېنىقلاندى. بۇ دېلومۇ ئالاقىدار يەرلىكلەرنىڭ دورا بىخەتەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەرلىك ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش جەھەتلەردىكى ئېغىر كەمچىللىكلىرى، بولۇپمۇ زور خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن ئۇچۇرلارنى دوكلات قىلمىغان ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان دېگەندەك مەسىلىلىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ بولسا، ئېغىر دەرىجىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، بىپەرۋالىق قىلىش ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىققا ياتىدۇ. نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چاڭچۈن چاڭشىڭ دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە قانۇن بويىچە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبلەشكە يوللاپ بەردى. ئالاقىدار تارماقلار يەنە چاتىقى بار ۋاكسىنىنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق بولغان خىزمەتلىرىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «دورا باشقۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئالاقىدار تەرەپلەر خىزمەت ھوقۇقى بويىچە چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولغان بارلىق تاپاۋەتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش كېرەك، ھەمدە ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە مەسئۇلىيىتى بار يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، بىرنى جازالاپ كۆپنى ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، تولۇقلاپ ئەملەش ئىشىدا، لاياقەتلىك ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ئاساستا، يەنىمۇ چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاكسىنىلارنى تولۇق زەنجىر بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈشتەك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى توسۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ۋاكسىنىلارنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر