باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى مۇقىم ئاشتى

يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى

2018.08.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى چەت ئەل مەبلىغى مەھكىمىسى مەسئۇلىنىڭ 16-چېسلا تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولغان، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى مۇقىم ئاشقان. 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 35 مىڭ 239غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.1 ئاشقان؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 496 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئاشقان (دوللارغا سۇندۇرغاندا 76 مىليارد 70 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان). 7-ئايدا، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار 5648گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %113.1 ئاشقان. ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 50 مىليارد 420 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 14.9 ئاشقان (دوللارغا سۇندۇرغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئاشقان).

  يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپى سىجىل، تېز ئېشىپ، قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشقان. ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 150 مىليارد 810 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئاشقان، ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.4 بولغان. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى%21.5 بولغان. يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 48 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتچىلىكتە ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 58 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتلىك ئۆلچەمدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، غەربىي رايوندا ئېشىش ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان. 11 ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانا 5186گە، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 65 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى % 13.3 كە يەتكەن. غەربىي قىسىم رايونلاردا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 31 مىليون 910 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.5 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر