باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدايلى (بۈگۈنكى سۆھبەت)

2018.08.17 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جامائەت بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدايلى». 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلىپ، يىغىندا جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى چاڭشېڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەمدە جاۋابكارلىق قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش، دورا سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىللەت ۋە ساختىپەزلىكنى قەتئىي تازىلاشتىكى كۈچلۈك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

  ۋاكسىنا خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا، جامائەت سەھىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدۇ. ۋاكسىنا دېلوسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دەرھال پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دورا بىخەتەرلىكى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ۋاكسىنا قاتارلىق دورا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈم-قائىدىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئاشۇنداق پايدا-مەنپەئەتنىڭ كەينىگە كىرىپ، قائىدە-بەلگىلىمىلەرنى كۆزگە ئىلمىغان قانۇنسىز كارخانىلارغا، ئەخلاق ۋە ۋىجداننىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلغان كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  بىردىن مىڭنى پەرەز قىلىپ، قالايمىقانچىلىقنى چىڭ تۇتۇپ تۈزەش لازىم. بۇ دېلوغا نەزەر سالساق، ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەت قوغلىشىپ، قانۇننى بۇزۇشىدىن يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي بىپەرۋالىق قىلىشقىچە، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىنىڭ مەسىلە بار ۋاكسىنا دېلوسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى جايىدا بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن يوچۇقلار بارلىقىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، يەنە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان تۈزۈم كەمتۈكلۈكىنىمۇ ئەكس ئەتتۈردى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دورا بىخەتەرلىكىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈشنى بىر سېكۇنتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى پەقەت ئەڭ چىڭ ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازا، ئەڭ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش بولغاندىلا، ئاندىن ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر