باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018- يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.08.29 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018– يىللىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ھەم قىزغىن قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو قاتتىق بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، بارلىق كارخانىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ياخشى سودا مۇھىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداشقا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يولىنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر