باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئېستېتىك تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا ئېستېتىك تەربىيەسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىر ئەۋلاد ياشلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرەيلى، دېدى

2018.08.31 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-ئىيۇن مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى سەككىز پېشقەدەم پىروفېسسورغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە ئېستېتىك تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا ئېستېتىك تەربىيەسى روھىنى جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بېرى، سىلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئادەم تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىپ، كۆڭۈل قويۇپ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. سەكسەن-توقسان ياشلارغا كىرىپ قالغان بولساڭلارمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، يەنىلا ۋەتەننىڭ ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە رىشتە باغلىدىڭلار، بولۇپمۇ جوۋ لىڭجاۋ قاتارلىق يولداشلار 100 ياشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتى، گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدىنىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. مەن سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۈزەل سەنئەت تەربىيەسى ئېستېتىك تەربىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، گۈزەل قەلب يارىتىشقا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىلەر ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر، بۇ ناھايىتى زۆرۈر. ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، دەۋر تۇرمۇشىغا يىلتىز تارتىپ، ئېستېتىك تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا ئېستېتىك تەربىيەسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ ياش بىر ئەۋلادلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، ئىنستىتۇتنىڭ توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئەخلاقنى قەدىرلەش، سەنئەتنى ھۆرمەتلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، گۈزەل سەنئەت ئارقىلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ئېسىل ئەسەرلەرنى سىزىپ چىقىپ، تىرىشىپ ئىنستىتۇتنى سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاۋاب خەت

  يولداش جوۋ لىڭجاۋ، دەي زې، ۋۇ بىدۈەن، جەن جيەنجۈن، ۋېن لىپېڭ، جىن شاڭيى، شاۋ داجېن، شۆ يوڭنيەن:

  ياخشىمۇسىلەر! يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇزاقتىن بېرى سىلەر تىرىشىپ ئىشلەپ، ئادەم تەربىيەلەشكە كۈچ چىقىرىپ، كۆڭۈل قويۇپ سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار. سەكسەن-توقسان ياشلارغا كىرىپ قالغان بولساڭلارمۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يەنىلا ۋەتەننىڭ ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە رىشتە باغلىدىڭلار، بولۇپمۇ جوۋ لىڭجاۋ قاتارلىق يولداشلار 100 ياشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، يەنىلا ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتى، گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدىنىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى مېنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى. مەن سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  گۈزەل سەنئەت تەربىيەسى ئېستېتىك تەربىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، گۈزەل قەلب يارىتىشقا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىلەر ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر، بۇ ناھايىتى زۆرۈر. ئېستېتىك تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇش، دەۋر تۇرمۇشىغا يىلتىز تارتىپ، ئېستېتىك تەربىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا ئېستېتىك تەربىيەسى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىر ئەۋلاد ياشلىرىنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈش لازىم.

  مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، ئىنستىتۇتنىڭ توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، ئەخلاقنى قەدىرلەپ، سەنئەتنى ھۆرمەتلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئېستېتىك سەنئەت ئارقىلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى سىزىپ چىقىپ، تىرىشىپ ئىنستىتۇتنى سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2018- يىلى 8-ئاينىڭ 3- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر