باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا بېرىپ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى يىپەك يولى ئارىسىدا ئايلىنىش

2018.08.24 17:37   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭغا بېرىپ قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى يىپەك يولى ئارىسىدا ئايلىنىش

  سۈرەتتە: قەشقەر كونا شەھەر رايونىدىكى «ئانار دانىسى پىلانى» ساياھەت تۈرىگە قاتناشقان كۇلالچى ئائىلىسىدە، ئىتالىيەلىك ساياھەتچى لاۋرا (سولدا) كۇلالچى تۇرسۇن زۇنۇننىڭ ياردىمىدە لايدىن شەكىل چىقارماقتا (5- ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

  1000 يىللىق قەدىمىي شەھەر قەشقەر − قۇملۇقتىكى بوستانلىق بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ شەھەر جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرالىنىدىغان دۆلەت چېگرا لىنىيەسى بويىغا جايلاشقان. بۇ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى داڭلىق سودا شەھىرى يېڭى يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت بولۇپ قالماقتا.

  تەخمىنەن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ كونا شەھەر رايونى ئۆزگەرتىلىپ، ئۆتمۈشتىكى كونا كېسەك ئۆيلەر ئەمدى تۈگىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆرپ-ئادەت يەنىلا ساقلىنىپ قالدى. كونا شەھەر رايونىدىكى سودا ۋە ساياھەت شۇ جاي ئىقتىسادىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ يەردە، سودىگەرلەرنى قەدىرلەش مەدەنىيتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش روھى ئەزەلدىن بوشىشىپ باقمىغان.

  بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھېيتگاھ ئىچىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر چوڭ بىر قوي يۇڭى گىلىمى ئالدىدا توختايدۇ. ساياھەت يېتەكچىسى تونۇشتۇرۇپ: ئاسما گىلەم ئۈستىدىكى 56 تال ئانار گۈلى جۇڭگودىكى 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، قەلبداشلىقىغا سىمۋول قىلىنغان، دەيدۇ.

  بۇ، كىشىگە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىمىز ۋە ئالغا بېسىشىمىز كېرەك»، دېگەن سۆزىنى ئەسلىتىدۇ.

  جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ 2013-يىلى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بولۇپ قالدى.

  بۇ تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىدا، شىنجاڭ قەد كۆتۈردى.

  بۇ يەردە كۆپ مىللەت بار، بۇ يەر جۇڭگو قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى، دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ياشاشقا بولىدىغان كۆلىمى ئاران %9 كېلىدىغان بولسىمۇ، يېڭى يىپەك يولىدىكى يەر شارى ئالاقىسى، قاتناش ۋە سودىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…