- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2018.08.31 15:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 29-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، سودا مىنىستىرى جۇڭ شەن مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىق مىنىستىرى، سودا ۋە سانائەت مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مۇنبەردىكى باشقا 53 ئافرىقا تەرەپ ئەزالىرىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلىرى ياكى ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە ئېچىلىدىغان 2018-يىللىق جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر