باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتىنى قايتىدىن ئاچتى

2018.08.28 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 27-چېسلا، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونى چېگراسىدىكى رايون جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ ئاز-تولا ياخشىلانغانلىقى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ، ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونىنىڭ شىمالى چېگراسىدىكى ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتى غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىننىڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان بىردىنبىر قۇرۇقلۇق يولى. ھەر كۈنى غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن 1000دەك پەلەستىنلىك بۇ تەكشۈرۈش پونكىتىدىن كىرىپ چىقىش ئىجازىتى ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر «ئىنسانپەرۋەرلىك سەۋەبى» بىلەن ئىجازەت ئالىدۇ.

  مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ ئېرېز تەكشۈرۈش پونكىتىنى ۋاقتىنچە تاقاپ، بۇ ئارقىلىق 17- ئاۋغۇست پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززە رايونى بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرالىنىدىغان رايوندا نامايىش قىلغانلىقى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىغا «جاۋاب» قايتۇرغان ئىدى.

  8-ئاينىڭ 17-كۈنى، نەچچە مىڭ پەلەستىنلىك غەززە رايونى بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرالىنىدىغان رايوندا «قايتىپ كېلىش چوڭ نامايىشى» ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. ئىككى پەلەستىنلىك توقۇنۇشتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، يەنە 270 ئادەم يارىلاندى، يارىلانغانلار ئىچىدە 19 نەپەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بار.

  3-ئاينىڭ ئاخىرىدا پەلەستىنلىكلەر غەززە رايونى بىلەن ئىسرائىلىيە چېگرالىنىدىغان رايوندا «قايتىپ كېلىش چوڭ نامايىشى» ئۆتكۈزگەندىن بۇيان، نامايىشچىلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى، رايون ۋەزىيىتى سىجىل جىددىي بولدى. پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، توقۇنۇشتا 170 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 18 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر