باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچى گېرمانىيەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى

جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى

2018.08.29 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 28-ئاۋغۇست ئىسپاتلىشىچە، جۇڭگولۇق بىر ئوقۇغۇچى گېرمانىيەنىڭ تۇرىنگېن ئىشتاتىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، ساقچى تەرەپ دېلونى جىددىي پاش قىلماقتا.

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كونسۇل قوغداش باشقارمىسىدىن ئېرىشكەن خەۋەرگە قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچى 1992-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، تۇرىنگېندىكى يېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.

  ئەلچىخانا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر 23 ياشقا كىرگەن ۋىيېتناملىق جىنايەت گۇماندارى شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپكە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ دېلونى جىددىي پاش قىلماقتا ئىكەن.

  ئەلچىخانا ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئادەم ئەۋەتىپ، دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دېلونى پاش قىلىشىغا ھەيدەكچىلىق قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېلونى پاش قىلىشتىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەلچىخانىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر