- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆك نامرات رايونلار 140 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلىش ۋە سېتىش توختامى ئىمزالىدى
2018.08.30 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆك نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىش ۋە سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 14 كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا 140 مىليون يۈەنلىك ئېلىش ۋە سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، مەملىكەت بويىچە 10 ئۆلكىدىن كەلگەن 58 چوڭ سودىگەرنىڭ بىر يىلدا ساتقان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىر مىليارد 822 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، سودا مىقدارى 217 مىڭ 800 توننىغا يەتكەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق 4 ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مال زاكاز قىلىش ۋە كېڭەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ساتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ مۇقىم بولغان ئېلىش ۋە سېتىش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇ 4 ۋىلايەت-ئوبلاست ئۆزگىچە تەبىئىي ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە، بايلىقى مول بولۇپ، ھازىر مەملىكەت بويىچە، ياڭاق، چىلان ۋە ئۈزۈم قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-چېۋە بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر