8-ئاينىڭ 29-كۈنى، پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودرومىدا، ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى جۇ فامىلىلىكنى ساقچى ماشىنىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي فۇشىڭ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ فامىلىلىك 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
فۇشىڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جۇ فامىلىلىك بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاكسىيە بازىرىنى تىزگىنلىۋېلىش جىنايەت گۇمانى بارلىقى بايقالدى. شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قوماندانلىقى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئاستىدا، سەرخىل ساقچى كۈچىنى تەشكىللەپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇردى. چېگرا سىرتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئاستىدا، جۇ فامىلىلىك يېقىندا چېگرا سىرتىدا قولغا ئېلىنىپ، 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى، نۆۋەتتە بۇ دېلو تېخىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جۇ فامىلىلىكنىڭ ئاكسىيەگە چېتىشلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ باشقا ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك پاش قىلىپ، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىپ، زىياندىن ساقلىنىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ، فۇشىڭ گۇرۇھىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى تارماقلىرى باش بولۇپ، فۇشىڭ گۇرۇھىنىڭ خۇسۇسىي خەۋپ-خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە تارماق، ئۆلكە ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى قۇرۇپ، فۇشىڭ گۇرۇھى قارىمىقىدىكى خۇسۇسىي فوندقا قارىتا مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنى تىزىملاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك خەتەرنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلدى. كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئاقىلانە ئىپادىلىشى، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى، ئىغۋا تارقاتماي، تۈرلۈك قانۇنسىز توپلىشىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشماي، قانۇن بويىچە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى ئەسكەرتىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى