باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

داغدام يول يىراقلارغا باشلايدۇ، كەڭ قورساقلىق ئالەمنى سىڭدۈرىدۇ

---رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىنى خاتىرىلەپ

2018.08.27 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيادا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق بولىدىكەن ئارىلىق يىراق ھېسابلانمايدۇ.

  2013-يىلى كۈزدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ غەربتە قازاقىستان، جەنۇبتا ھىندونېزىيەگە بېرىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» قۇرۇشتىن ئىبارەت زور تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شۇنىڭدىن باشلاپ، تارىخقا چوڭقۇر سىڭگەن ۋە 21-ئەسىردىكى ئۇلۇغ يېڭى ھېكايە، دەپ ئاتالغان «بىر بەلباغ، بىر يول» بارلىققا كېلىپ، بۇ قۇرۇلۇش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسىغا ئايلاندى.

  «تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ». «بىز <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، ھەمدە 2030-يىللىق قارالمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېڭى بوشلۇق ھازىرلايمىز.» رەئىس شى جىنپىڭ بۇ تەشەببۇسنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگوغا بولغان مەسئۇلىيىتى ۋە دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

  بەش يىللىق تەرەققىيات ۋە كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشببۇسى ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، بارا-بارا كېڭىيىپ، كەڭ قۇرۇقلۇقتا يىلتىز تارتىپ، بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردا دولقۇن يېرىپ، بۇ مىڭ يىللىق يىپەك يولى يەنە ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇساپىنى باشلىدى...

  (بىرىنچى) باشلىنىش

  8-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت تۆتتىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، ئالاتاۋ ئېغىزىدا سېگنال ئاۋازى سەھەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى.

  چۇڭچىڭدىن قوزغالغان 2007-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردە تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە ئوق قازان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى لىق قاچىلاپ، پورتتىن چىقىپ قازاقىستانغا كىرىپ، ئاخىرقى بېكىتى پولشانىڭ مالاسزېۋىكزېكىگە قاراپ يول ئالدى.

  چىڭداۋدىن يولغا چىققان جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورتى گۇرۇھىنىڭ «گوللاندىيە» ناملىق يۈك پاراخوتىمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئادېن قولتۇقى دېڭىز تەۋەسىدە يۈرۈۋاتاتتى، بۇ پاراخوتنىڭ يېشى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تەڭ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدىغان چوڭ پاراخوت 4000دىن ئارتۇق ئۆلچەملىك كونتېينېرنى قاچىلاپ، گىرېتسىيە، پىرائېئۇس قاتارلىق پورتلاردىن ئۆتۈپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيەنىڭ ۋالېنسىيەگە بارىدۇ.

  بىر قۇرۇقلۇق، بىر دېڭىز، «بىر بەلباغ، بىر يول»دا قاتناۋاتقان زامانىۋى قاتناش قوراللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى تۆگە ئەترىتى ۋە يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىپادىلىنىشى.«يۇرتۇم شەنشى دەل قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۇ يەردە تارىخنى ئەسلىگىنىمدە، تاغ ئارىسىدا كېتىۋاتقان كارۋانلارنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك، بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن ئىسنى كۆرگەندەك بولدۇم.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بەش يىل ئىلگىرىكى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى قازاقىستان نەزەرباي داشۆسىدە قىلغان تەسىرلىك سۆزى بىلەن دۇنيا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى يىپەك يولىغا نەزىرىنى قايتا تىكتى.ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا، كوكۇس پالمىسى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا رەئىس شى جىنپىڭ يەنە «21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تارىخ دۇربۇنى ئارقىلىقلا ئۆتمۈشنى ئېنىق تونۇپ، ھازىرنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

  يىپەك يولى گۈللەنسە، دۇنيا تۇتىشىدۇ.

  2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى جاڭ چيەننىڭ سەپىرىدىن، 600 نەچچە يىل ئىلگىرىكى جېن خېنىڭ غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلىشىغىچە بولغان قەدىمكى يىپەك يولى «ئەلچى ھەقىقەتكە تەلپۈنەر، سودا كارۋانلىرى يولدىن قالماس» دېگەنگە شاھىت بولدى.

  خەنزۇ تىلىدىكى «يىپەك» دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى «Silk» سۆزىگە ئۆزگىرىشىدىن، ھەمدە «ياۋروپالىقلارنىڭ نەزىرىگە ئاسىيانى سالغان»دىن تاكى «ماركوپولو ساياھەت خاتىرىسى»گىچە؛ دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىكى ھىندىستان، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان پەرىزاتلارنىڭ ئوبرازىدىن تاكى ياۋا دېڭىز تەۋەسىدە بايقالغان جۇڭگونىڭ فارفۇر بۇيۇملىرى لىق قاچىلانغان ئەرەبنىڭ «قارا تاش» ناملىق پاراخوتىغىچە... تارىخ مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق، شەرق بىلەن غەربنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ئۇچرىشىشى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدەك ھاياجانلىق مىنۇتلارنى خاتىرىلىمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر