باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خاربىندا بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ، 20 ئادەم قازا قىلدى

قۇتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلاشتى

2018.08.27 14:21   مەنبە: خەلق تورى

خاربىندا بىر مېھمانخانىغا ئوت كېتىپ، 20 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، خاربىن «25-ئاۋغۇست» سۇڭبېي رايونى ئوت ئاپىتى ھادىسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 26-ئاۋغۇست سائەت 14كىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوت كەتكەن لوڭبېي ئارشاڭ ئىستىراھەت مېھمانخانىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قىسمىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر قازا قىلغۇچىنى بايقىغان، ھازىرغىچە ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدە 20 ئادەم قازا قىلغان. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان.

  قايتا-قايتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، لوڭبېي ئارشاڭ ئىستىراھەت مېھمانخانىسىدا 24-ئاۋغۇست كەچتە 115 مېھمان تۇرغان. 26-ئاۋغۇست سائەت 14كىچە، ئىلگىرىكى نەق مەيداننى تازىلاش ئاساسىدا، چوڭ تىپتىكى قېزىش ئۈسكۈنىلىرى نەق مەيدانغا كىرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يىغىلىپ قالغان سۇنى پۈتۈنلەي تارتىۋەتكەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۈچ مېتىر قېلىنلىقتىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قىسمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئاخىرىدا يەنە بىر قازا قىلغۇچىنى تاپقان. ھازىرغىچە توققۇز قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى خاربىنغا بېرىپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتكەن.

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردە، خاربىن شەھىرى سۇڭبېي رايونىدىكى لوڭبېي ئارىشاڭ مېھمانخانىسىدا ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئوت كەتكەن كۆلەم تەخمىنەن 400 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن مېھمانساراينىڭ قانۇنىي ۋەكىلى جاڭ Xپىڭ ئوت مۇداپىئە جاۋابكارلىق ھادىسىسى جىنايىتى ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، شۇ كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مېھمانخانىنىڭ ئىككى باشقۇرغۇچى خادىمى تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…