باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى

خەن جېڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى

2018.08.24 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدار كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى 23-ئىيۇل چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ۋە سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسى، «ئالاقە تورى +» ھەرىكەت پىلانى، «يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات پىلانى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشتا زور تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ 800 مىليونغا يېقىن تور ئەھلى بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، كۆچمە چىقىم قىلىش، توردا پارچە سېتىش بازىرى بار، ئۇدا ئالتە يىل سانائەت ماشىنا ئادىمى ئىستېمالى بويىچە 1-چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بازىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %40تىن ئاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر