8-ئاينىڭ 22-كۈنى، سالۋادورنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى لۇز ئېسترېللا رودرىگۋېز سالۋادور پايتەختى سان سالۋادوردا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 21-ئاۋغۇست، جۇڭگو ۋە سالۋادور بېيجىڭدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخبارات ئىمزالىدى، ئىككى دۆلەت شۇ كۈندىن باشلاپ باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. شۇ جاي ۋاقتى 22-ئاۋغۇست، سالۋادورنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى لۇز ئېسترېللا رودرىگۋېز پايتەخت سان سالۋادوردا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش سالۋادورغا ئىقتىساد، سودا جەھەتتە تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى