باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.08.24 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كۆرگەزمىسى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئىنتېرنېت تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلانماقتا. رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا - يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپلەر ھالىتىنى بەرپا قىلىش ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق ۋەزىپە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى كۈچ قوشۇپ، يېڭى بوشلۇق ئېچىشنى خالايدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش: ئىقتىسادقا ئىقتىدار، تۇرمۇشقا ھۆسىن قوشقۇسى»نى ئاساسىي تېما قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى نامايەن قىلىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقىلنى توپلاپ، كۆپنىڭ ئارتۇقچىلىقىى جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر