باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

2018.08.23 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 22- ئاۋغۇست جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چېن شياۋدوڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 9- ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ دوستلۇق رىشتىسىنى بىللە ئەسلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە بىرلىكتە سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسى توغرىسىدا بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىدۇ. بۇ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 2006-يىللىق بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە 2015-يىللىق جوھاننېسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەم بولۇشى، شۇنداقلا جۇڭگو بۇ يىل ئۆتكۈزگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىدۇر. ۋاقتى كەلگەندە، نۇرغۇن ئافرىقا دۆلىتى رەھبەرلىرى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ب د ت باش كاتىپى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمان سۈپىتىدە، 27 خەلقئارا ۋە ئافرىقىدىكى رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر