سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە، مىسىر بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەترەبى مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر بانكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد ئەترەبى يېقىندا قاھىرەدە مەخسۇس زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا ئەللىرى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى