خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، بالىلار تىبابىتى ھېس قىلىش سارىيى ئىچىدە ، كىچىك دوستلار فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى سېستىراسىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش ئاستىدا ئاسما ئوكۇل يىڭنە سانجىشىنى ھېس قىلىش جەريانى.
شۇ كۈنى، شاڭخەي شەھىرى بالىلار تىبابىتى ھېس قىلىش سارىيىدا «ئارزۇيۇمدىكىدەك تېببىي ئىنستىتۇت» كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىنى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن شاڭخەي مېترو تۆتىنچى تىجارەت شىركىتى ئورتاق تەشكىللىگەن بولۇپ، بالىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن. مەزكۇر ھېس قىلىش سارىيى ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەينەن داۋالاش مەنزىرىسى تەقلىدىي كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بالىلار ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق كۆپ خىل داۋالاش ئويۇنلىرىنى ئويناش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ھېس قىلىش، رول ئىلىش ۋە ئەمەلىي ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى