خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-چېسلا دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ماخاتىرنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، مالايسىيا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە ماخاتىرنىڭ جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئالقىشلىدى، ماخاتىرنىڭ كۆپ قېتىم جۇڭگونى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ قارىغانلىقىغا ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ماخاتىرنىڭ ئاسىيا رايونىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ماختىىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-مالايسىيا مۇناسىۋىتى يېڭى مۇھىم تارىخىي ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە تىرىشماقتا، مالايسىيا «يېڭى مالايسىيا» قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. زۇڭلى ئەپەندى كۆپ يىللاردىن بۇيان «ئاسىيا قىممەت قارىشى»نى ۋە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى. ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى تايانچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا بىر-بىرىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھىدۇر. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىش يولىغا يېتەكلەپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى