باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىشكە مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 140 مىليارد 90 مىليون يۈەن پۇل تولۇق تارقىتىپ بېرىلدى

2018.08.20 18:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2018-يىللىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ياردەم مەبلىغىدىن 46 مىليارد 770 مىليون يۈەننى تۆۋەنگە چۈشۈردى، ئۇنىڭغا مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرگەن 92 مىليارد 860 مىليون يۈەن ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ تارماق خامچوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 460 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغىنى قوشقاندا، بۇنىڭ بىلەن 2018-يىللىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان ياردەم مەبلىغى 140 مىليارد 90 مىليون يۈەننىڭ ھەممىسى تولۇق چۈشۈرۈلۈپ بولدى. بۇ، جايلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى، قىيىنچىلىقى ئېغىر كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە بېقىش، ۋاقىتلىق ياردەم، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش، يېتىم بالىلار ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىق بەش جەھەتتىكى چىقىمنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ياردەم مەبلىغى ئامىللار بويىچە تەقسىملەش قوللىنىلىپ، ئاساسلىقى جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سانى، مالىيە قىيىنچىلىق دەرىجىسى، يەرلىك مالىيەنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دەرىجىسى، نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش نەتىجىسى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ سانى كۆپ بولغان، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولغان، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر ئۆلكىلەرگە مايىللىشىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە جايلاردىكى مالىيە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى زىچ ماسلىشىپ، مەركەز مالىيە مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا چۈشۈرۈلۈپ بېرىلشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش تولۇقلىما مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ ۋە قالدۇق مەبلەغنىڭ ھەزىم قىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خام چوت ئىجرا قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر