باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئامېرىكا «ئىران ھەرىكەت گۇرۇپپىسى»نىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش كويىدا بولۇشى خام خىيالدۇر، دېدى

2018.08.20 18:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالىپ 19-چېسلا جەمئىيەت تاراتقۇلىرىغا ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى قۇرغان «ئىران ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» غەرەزلىك ھالدا سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش كويىدا بولۇشى بىر خىل خام خىيالدۇر، دەپ بىلدۈردى.

  زالىپ باياناتىدا: «65 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا خەلق سايلاپ چىققان مۇسسادىگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بىر ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق، بېسىم ئىشلىتىش، ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆتمۈشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىماقچى بولدى. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

  بۇ يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ قائىدىنى بۇزۇپ، ئامېرىكا 2015- يىلى ئىران بىلەن تۈزۈشكەن ئالتە دۆلەت كېلىشىمىدىن (يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەتنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىران يادرو قورال مەسىلىسى كېلىشىمىدىن) چېكىنىشى ئىرانغا قارىتىلغان جازالاش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئامېرىكا ئىران يادرو قورالى مەسىلىسى كېلىشىمىدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ئىرانغا بولغان سىياسىي تۈزۈلمىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە ئىرانغا بولغان ئون ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ، ئىرانغا بولغان جازانى توختىتىشنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىران تەرەپ ئامېرىكا بىلەن قەتئىي سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىم قۇرۇلغان «ئىران ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» بولسا، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، دېدى. ئۇ يەنە، «ئىران ھەرىكەت گۇرۇپپىسى» ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا تارماقلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، دەپ بىلدۈردى.

  مۇسسادىگ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران پەھلەۋى سۇلالىسى مەزگىلدىكى باش ۋەز ئىدى. ئۇ 1951- يىلى 4- ئايدا سايلانغان بولۇپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، نېفىت سانائىتىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئېتىبار ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن مەنپەئەت ئېلىشنى يولغا قويغان. 1953- يىلى 8- ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىران موسسادىگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. 1979- يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي پارتلاپ، ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغان ئۇ ئىران پەھلەۋى سۇلالىسى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر