باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بولتون ئىپادە بىلدۈرۈپ، گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تەشەببۇسىنى ئامېرىكا تېخى ئېتىراپ قىلغىنى يوق، دېدى

2018.08.23 18:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتون 22-چېسلا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرچە گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەققىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسىنى ئېتىراپ قىلغىنى يوق، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىرقى مەيدانى تېخى ئۆزگەرمىدى»، دېدى.

  گولان ئېگىزلىكى سۇرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر پارچە تار بەلباغ بولۇپ، ئىسرائىلىيە 1967- يىل ئۈچىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا بۇ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاينىڭ كونترول قىلىنىش ۋە باشقۇرۇلۇش ھوقۇقىنى سۇرىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان. لېكىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ زېمىنى بۇرۇندىن تارتىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن. ئەمما بۇ يىل 5- ئايدا، بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  22-چېسلا، بولتون ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: ئۇ ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن، بۇ مەسىلە ئامېرىكا تەرىپىدىن تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىدى، «بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى ئىچكى جەھەتتىن رەسمىي قارار چىقارمىدى»، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق بۇ سابىق ۋەكىلى سۆز قىلىپ: «ئەلۋەتتە، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تەشەببۇسىنىڭ مەقسىتىنىمۇ بىلىمىز. ئىسرائىلىيە ئەسلىدە گولان ئېگىزلىكىنى يۇتۇۋالغان. بىز يەنە ئۇلارنىڭ مەيدانىنىمۇ چۈشىنىمىز، بىراق، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھازىرقى مەيدانى ھازىرچە ئۆزگەرمىدى»، دېدى.

  دونالد تىرامپ 2017- يىلى 1- ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كىيىن، ئامېرىكا بىلەن ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 12- ئايدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يېرۇسالېمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى بولۇشىنى ئېتىراپ قىلدى، ھەمدە، بۇ يىل 5- ئايدا ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى يېرۇسالېمغا كۆچۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر