باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىن ۋەكىللىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018.08.23 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.»

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنى 17-چېسلادىن 19-چېسلاغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىغىن ۋەكىللىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر ۋە ئومۇمىيلىق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە تۈپ قوللانما تىكلەپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ۋە ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت سۈپىتىنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشتە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا بىر مىنۇتمۇ تەۋرىنىشكە بولمايدۇ

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش __ ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

  نۇرغۇن ۋەكىل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يەكۈنىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغاندىن كېيىن، چىڭ تۇتۇپ بۇ سۆزنى خاتىرە دەپتەرگە خاتىرىلىۋالدى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئارمىيەمىزنىڭ ئارمىيە قۇرۇش ئاساسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جېنى، شۇنداقلا ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ جان تومۇرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇمۇ ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قويۇلغان تۈپ تەلىپى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى بىر قاتار تۈزۈملىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى ۋە ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تىنچ-ئامانلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلانغان زىددىيەت-مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ ئەمەلىي تۇتۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ ېېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر