باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش، قايتۇرۇلغان ئېكسپورت بېجىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئىككى يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.08.23 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بىرلىشىپ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى ساختا كېسىش، قايتۇرۇلغان ئېكسپورت بېجىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئىككى يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «يالغان كارخانا»لارنىڭ تالوننى ساختا كېسىش ۋە «يالغان ئېكسپورت» قىلىپ قايتۇرۇلغان باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ ۋە ئۇلارنى چۆچۈتۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشنى ئورتاق ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۈچلۈك مەدىتى بىلەن، باجنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، باج تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق باج مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. لېكىن قىسمەن باج ساھەسى، نۇقتىلىق رايونلاردا باجغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار يەنىلا ئەۋج ئالدى، بولۇپمۇ «قاپ كارخانا»لارنىڭ ساختا تالون كېسىشى، «يالغاندىن ئېكسپورت» قىلىپ قايتۇرۇلغان باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى تەكرار، كۆپ قېتىم يۈز بېرىپ، باج قانۇنىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، باج تەرتىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سالدى، چوقۇم زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىپ تۈزەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ ساختا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى كېسىش، قايتۇرۇلغان ئېكسپورت بېجىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە زەربە بېرىش ئىككى يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ھەرىكىتى، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەت تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش «توغان»ىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ قاتتىق ئۇسۇل بىلەن باج تەرتىپىنى ساپلاشتۇرۇپ، «يالغان كارخانا»لارنىڭ تالوننى ساختا كېسىش ۋە «يالغاندىن ئېكسپورت» قىلىپ قايتۇرۇلغان باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ ۋە ئۇلارنى چۆچۈتۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش؛ قانۇن بويىچە سەمىمىي باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئادىل، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، باجنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك، تايانچ خاراكتېرلىك، كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر