- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ ئانناننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت باش كاتىپىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2018.08.21 17:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاۋغۇست، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىپى ئانناننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ ئانناننىڭ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئانناننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ب د ت دىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاننان ئەپەندى جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى. ئاننان ئەپەندى دۇنياغا مەشھۇر ئىنتېرناتسىئونال پائالىيەتچىسى، باشتىن - ئاخىر كۆپ تەرەپلىمىلىكنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ب د ت نىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئاننان ئەپەندى ئافرىقا خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇ ئافرىقىدىن كەلگەن، ئافرىقىغا رىشتە باغلىغان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافرىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مەبلەغ سېلىشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر