باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر يەشمىسى ــــ جۇڭگونىڭ شېرىك كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ رامكىسىدىن ئەزەلدىن چەتنەپ باقمىدى

2018.08.23 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا ئۆز ئالدىغا سودا ئۇرۇشى قوزغاپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگودىن كەلگەن تاۋارلاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالدى، شۇنداقلا جۇڭگونى جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سالغان جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلاردىن تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىدى، دەپ ئەيىبلىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا مۇنداق قارىدى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن تۈرلۈك ۋەدىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلدى، جۇڭگونىڭ شېرىك كارخانىلارغا بولغان ئالاقىدار بەلگىلىمىسى WTO نىڭ قائىدىسىگە تامامەن ئۇيغۇن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى قەتئىي پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  جۇڭگونىڭ مۇئەييەن ساھەدىكى شېرىكلىشىش ۋە پاي نىسبىتى چەكلىمىسى قاتارلىق تەلەپلىرى WTO نىڭ قائىدىسى ۋە ئېلىمىزنىڭ ۋەدىسىگە ئۇيغۇن.

  جۇڭگو خەلقئارا سودا جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يۇڭ مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇئەييەن ساھەدىكى شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش تەلىپى، پاي نىسبىتى چەكلىمىسى ۋە مەمۇرىي تەستىق تەرتىپىنى ئەيىبلىدى. ئەمەلىيەتتە، WTO ئەزالىرىنىڭ بازار ئىجازىتىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بار، بۇ ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىكى ۋەدىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇئەييەن ساھەدىكى شېرىكلىشىش ۋە پاي نىسبىتى چەكلىمىسى قاتارلىق تەلەپلىرى جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان WTO ئەزالىرىنىڭ سۆھبەت نەتىجىسى بولۇپ، WTO نىڭ قائىدىسى ۋە ئېلىمىزنىڭ ۋەدىسىگە ئۇيغۇن. چەت ئەل مەبلىغى جۇڭگونىڭ قىسمەن ساھەسىگە كىرمەكچى بولسا شېرىكلىشىشى كېرەك، بۇ WTO نىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر