باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، يېڭى كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى تاماملاش كېرەك، دېدى

2018.08.23 17:43   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، يېڭى كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى تاماملاش كېرەك، دېدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى 21-ئاۋغۇستتىن 22-ئاۋغۇستغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى تاماملاشتا چوقۇم يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى مۇستەھكەملەپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى كۈچلەرنى تەربىيەلەپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، يېڭى ئوبرازنى نامايان قىلىشتەك بۇرچ-ۋەزىپىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك خىزمەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھالقىلىق جايلارغا، جان يېرىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ غايە ـ ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18-قۇرۇلتاي ئېچىلغاندىن بۇيان، بىز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيەت خىزمىتى سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى سېپىدە پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئېلىپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە جامائەت پىكرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان قىلىندى؛ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى زور دەرىجىدە ئۆستى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا بولۇپ، تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى سېپىدىكى كادىرلار پۈتۈنلەي ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مانا بۇ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىدا، ئىدىيەۋى خىزمەتتىكى «ئىككىنى مۇستەھكەملەش» ئاساسىي ۋەزىپىسىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە، مەدەنىيەت ئىشەنچتە ئۆزىگە ئىشىنىشتە تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى، تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزىگە ئىشىنىش ئىكەنلىكىدە، تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ ئىكەنلىكىدە، ئاخبارات جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە، ئىستىلدا دۇرۇس بولغان تور بوشلۇقىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ئوبدان تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇھىم ئىدىيەلەر تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزانىمىز، چوقۇم ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…