خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، كورېيە بىلەن چاۋشيەندىكى ئايرىلىپ كەتكەن تۇغقانلار چاۋشيەننىڭ كۇمگاڭ تېغىدا كوللېكتىپ يۈز كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
چاۋشيەن-كورېيەنىڭ 21- قېتىملىق ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۇچراشتۇرۇش پائالىيىتى 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ چاۋشيەننىڭ كۇمگاڭ تېغى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىدىن ئىككى يىل 10 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى 4- ئاينىڭ 27-كۈنى پانمۇنجومدا كۆرۈشكەندە ئىمزالىغان «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم بىر قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى