خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش قىسىمى لاگېرىدىكى دوختۇرخانىدا، جۇڭگونىڭ تىنچلىق ساقلاش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىدە، يەرلىك ئاھالىلەرگە دورا ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇقتۇرماقتا.
19-ئاۋغۇست، تۇنجى «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» كۈنىدە، جۇڭگونىڭ 17-تۈركۈمدە لىۋانغا تىنچلىق ساقلاشقا بارغان كۆپ ئىقتىدارلىق ساپيورلار شۆبە ئەترىتىگە قاراشلىق 1-دەرىجىلىك دوختۇرخانا ئېچىۋېتىلىپ، «ھاياتلىقنى ئاسراشتا مېھىر-مۇھەببەت چەكسىزدۇر» ناملىق خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى