باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن گوۋاڭ بىلەن كۆرۈشتى

2018.08.21 17:19   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن گوۋاڭ بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدا، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن گوۋاڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ چېن گوۋاڭدىن باش شۇجى يولداش رۇەن فۇجۇڭ ۋە رەئىس يولداش چېن داگۇاڭغا بولغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلتۇر مەن باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن 2-قېتىملىق ئۆز ئارا زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭگو- ۋىيېتنام دوستلۇق ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خوشال. بىز ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بەزى ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ، مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…