باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

2018.08.23 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن 22-ئاۋغۇست ئېچىلغان مەملىكەتلىك خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدىن خەلق ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلۈك خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ ئالتە تۈرلۈك تەدبىر مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇپ بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، كەسپىي ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر بىلەن پىدائىيلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەير- ساخاۋەت كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش؛ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە قاراش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بەخت-سالامەتلىك قۇرۇلۇشى» قاتارلىق نامرات مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى دەل جايىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت تۈرىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نامرات مېيىپلەرگە قارىتا ئىجتىمائىيلاشقان ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سىياسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ نامرات رايونلاردا يېزىلارنىڭ ياشانغانلار مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى پىشقان تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان ياشانغانلارنى قەرەللىك زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ۋاقىتلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى ۋە يېزا، مەھەللىلەرنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش»، كەنت ئىشلىرى بىرلەشمە يىغىنى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا كادىرلىرىنى تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش؛ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق كۆك نامرات رايونلارنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، قاراتمىلىقى بولغان قوللاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق كۆك نامرات رايونلارغا بولغان مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  خۇاڭ شۇشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تارماقلار ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قاتىرىشىنى ئازايتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاشكارا كاپالەتلەندۈرۈش، پاك كاپالەتلەندۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر